2012专业介绍(维文版ئۇيغۇرچە)
发布时间:2012-06-04 浏览次数:

 

شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى 2012 – يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسپلەر تونۇشتۇرۇش

 

ئېلېكتىر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى فاكولتېتى

                                      مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991 ـــ 7736152   7736195

ئېلېكترىك قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش(080601)  (تولۇق كورس، ئوقۇش مۇددىتى 4 يىل )

تەربىيىلەش نىشانى :بۇ كەسىپ  ئېلېكترىك قۇرۇلۇشى،كونتىرول نەزىرىيىسى، كومپيوتېر تېخنىكىسى،ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە نەزىرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان ،ئۇنۋېرسال قوللىنىش ئىقتىدارغا ئىگە ، ئېلېكترون تېخنىكىسى، ئېلېكتىر ئېنىرگىيسى ،مېتاللورگىيە،قاتناش،قۇرۇلۇش، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرگە ئېھتىياجلىق، كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق  ئېلېكترىك قۇرۇلۇشى كەسپي تېخنىكا  خادىملىرىنى تەربىيىلەپ چىقىدۇ .

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: قۇرۇلۇش ماتىماتىكىسى، توك يولى نەزەرىيىسى ،توك يولى تەجربىسى ، تەقلىدىي ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ،رەقەملىك ئېلېكتىرون تېخنىكىسى،  ئېلېكتر ئېلېكترون تېخنىكىسى ، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسى ، مېكرو كومپيوتېر ھەم چېتىش تېخنىكىسى، cتىل ئارقىلىق پىراگىرامما لاھىيلەش تېخنىكىسى، ئاپتوماتىك كونترول قىلىش تېخنىكىسى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئېلېكتىرىك كونتۇرول قىلىش،  پروگراممىلىندىغان  تىزگىنلەش ئەسۋابى،  ئېلېكترو موتور ئىلمى، ئېلېكتىر ئستانسىسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىە قوزغاتقۇچ ئەسلىھەلىرى،  ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئېلېكتىرىك ئەسلىھەلىرى ۋە ئىجرا قىلىش، ئېلېكتىر سېستىما ھەرىكىتى ۋە ئاپتوماتىك ئورۇنلاشتۇرۇش،  ئاپتۇماتىك قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتىر ئېنېرگېيىسى سىستېمىسىنى تەھلىل قىلىش، يەككە پىلاستىنكىلىق كومپيوتېر پىرىنسىپى ھەم ئۇنى قوللۇنۇش، يۇقىرى بېسىم تېخنىكىسى، ئېلېكتىرىك قۇرۇلۇش تۇنۇشى، مىكرو كومپىيوتېر ئارقلىق كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق دەرىسلىكلەر سۆزلىنىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى:بۇ كەسىپنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىش ،ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشى، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە تەقسىم قىلىش ، نېفىت خېمىيە كارخانىسى، ئايرۇپلان قۇراشتۇرۇش، قاتناش تىرانسپورت،پولات –تۆمۈر كارخانىسى، مېتالۇرگىيە، ئېلېكتىر ئستانسىلىرى  قاتارلىق ساھەلەردە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سېستىمىسى خىزمىتىنى ياكى زاۋۇت كان-كارخانالاردا توك تەمىنلەش سېستىمىسىنى لاھىيىلەش ،يەتكۈزۈش، قۇراشتۇرۇش،ئاسراش ۋە باشقۇرۇش ، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنىڭ لاھىيىسى ،ئىشلەپچىقىرىلىشى ،تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە ئاسراش ھەم ئېلېكتىر ئېنىرگىيە ئىنشائات تورىنى قۇرۇش ،ئاسراش ۋە باشقۇرۇش ،زاۋۇت –كان كارخانلارنىڭ توك يەتكۈزۈش ،توك تەقسىملەش سېستىمىسى ،ئاپتۇماتلاشقان ئەسلىھەلەر ھەم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىدە ،قۇراشتۇرۇش ،مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ

ئېلېكترىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىكىسى (580202) :

تەربىيىلەش نىشانى: بۇ كەسىپ بىرقەدەر كۈچلۈك ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغان، مېتاللورگىيە، قاتناشنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش سېستىمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتۇماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنيىسىنى قوراشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ سىناش، ھەركەتلەندۈرۈش، ئاسراش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىندىغان ھەرخىل ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى باشقۇرۇش، يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمىلى قوللۇنۇشچان تېخنىكا ئىگەللىگەن خادىملارنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر:توك يولى نەزىرىيىسى، ئېلېكتىر تېخنىكىسى، ئاپتوماتىك كونترول قىلىش قانۇنيىتى، ئېلېكتىر مىخانىكا ۋە سۈرەت تېخنىكىسى، ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق سۆرەيدىغان ئاپتوماتىك كونترول قىلىش تېخنىكىسى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كونترول قىلىش سېستىمىسى، كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىش سېىستىمىسى، سانائەت ئۈسكۈنلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش نەزىريەسى،C تىلى سېستىمىسى، تاق ئۆزەكلىك كومپيوتېرنىڭ پىرىنسىپى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، پروگرامما تۈزۈشكە بولىدىغان كونتروللىغۇچنىڭ قانۇنيىتى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، ئېلىكتىر كۈچى ۋە ئېلېكتىر تېخنىكىسى قانارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىپ ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ئاپتوماتىك ياساش تېخنىلوگىيسى،ھەرخىل ئېلېكتىر ئۈسكۈنلىرىنىڭ پىرىنسىپى، ئۆلچەش تېخنىكىسىنى كونترول قىلىش ماھارىتى، كونترول قىلىش پىرىنسىپى ۋە كونترول قىلىش ئۇسۇللرىنى ئىگەللەيدۇ. ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچقىرىش لېنيىسى ۋە توك بىلەن تەقسىملەش سېستىمىسنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش، ھەركەتلەندۈرۈش، باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۇشتىن ئىبارەت.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسپنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار پولات-تۆمۈر،مېتاللورگىيە، نېفىت-خېمىيە، ماشىنسازلىق، قاتناش، بىناكارلىق، كان، توقۇمىچىلىق، يىمەكلىك پىششقىلاپ ئىشلەش، ئېلېكتىر سېستىمىسنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ساھەلەردە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتۇماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنيىسىنى قوراشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ سىناش، ھەركەتلەندۈرۈش، ئاسراش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا ياكى سانائەت كارخانىرى ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى لايھىلەش ،ئىشلەپچىقىرىش ،تېخنىكا ئۆزگەرتىش خىزمەلىرىنى قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

توك تەمىنلەش-ئىشلىتىش تېخنىكىسى(550306)

تەربىيىلەش نىشانى: بۇ كەسىپچانلقى بىرقەدەر كۈچلۈك،ئوتۇرا–كىچىك تىپتىكى ترانسفورماتور ئىستانسىسى،سانائەت،كارخانا،يېزا-كەنت توك تەمىنلەش-تەقسملەش تورى سېستىمىسىنى قۇراشتۇرۇش،ئاسراش ۋە دەسلەپكى لايھىيەسىنى ئىشلەش ئىقتىدارغا ئىگە بولغان،كومپىيوتىرنى ئاساس قىلغان ئاپتوماتىك توك تەمىنلەش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش بىلىمىرىنى ئىگەللىگەن، ئوتۇرا –كىچىك تىپتىكى ترانسفورماتور ئىستانسىسى،سانائەت كارخانىلىرىدا توك تورىنى باشقۇرالايدىغان، توك بىلەن تەمىنلەش-تەقسملەش ئىشلىرىنى باشقۇرالايدىغان،يېزا-بازار توك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا  ئېھتىياجلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك كەسپىي خادىملارنى تەربىيلەيدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر : ئېلېكتىر يولى، ئېلېكتىر تېخنىكىسى، ئاپتوماتىك كونترول قىلىش قانۇنيىتى، ئېلېكتىر مىخانىكا ۋە سۈرەت تېخنىكىسى،سىفىرلىق ئېلېكترون تېخنىكىسى،   ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسى ئېلېكترون تېخنىكىسى،زاۋۇتلاردا توكنى كونتۇرول قىلىش ۋە PLC ،ئېلېكتىروۋوز ئىلمى، توك تەمىنلەش-تەقسملەش تېخنىكىسى، ترانسفورماتور ئىستانسىسىنى ئۇنۋېرسال ئاپتوماتلاشتۇرۇش،يۇقۇرى بېسىملىق توك تېخنىكىسى، رېلې ئارقىلىق قوغداش ۋە ئاپتوماتىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسى سېستىمىسىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق دەرسلىكلەر ئۆتۈلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسپنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار  ئېلېكتىر ئېنىرگىيە، نېفىت-خېمىيە، ئوتۇرا –كىچىك تىپتىكى ترانسفورماتور ئىستانسىسى،سانائەت،كارخانا،يېزا-كەنت توك تەمىنلەش-تەقسملەش تورى پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا توك بىلەن تەمىنلەش-تەقسملەش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش،يېزا-بازار توك قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش،ئاسراش  لايھىيەلەش ۋە ئېچىش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

يېڭى ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى (550208)

تەربىيىلەش نىشانى:بۇ كەسىپ بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئىش ئورنىدىكى قابىليىتى ۋە ئونۋېرسال ساپاسىنى تەربىيلەشنى نىشان قىلىدىغان ،ھەمكارلىق روھىغا ئىگە يېڭى ئېنېرگىيە قوللىنىش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈسكۈنە ئاسراش ،باشقۇرۇش ھەم ئېڭى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ياساش ،سېتىپ چىقىرىش ھەم سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئىشلىرىغا  ئېھتىياجلىق ئىختساسلىق كەسپىي خادىملارنى تەربىيلەيدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر :ماشىنا چىرىتىيوژچىلىقى  ،AUTOCADئېلېكتر يولى نەزىرىيسى ،ئېلېكتىر تەجرىبىسى ،تەقلىدىي ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ،ئېلېكتىر موتورھەم قوزغاتقۇچ ،ئاپتوماتىك ئۆلچەش تېخنىكىسى ،رەقەملىك ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ،Cتىل تەرتىپى لاھىيىسى ،ئېلېكتىرئېلېكترون تېخنىكىسى ،يېڭى ئېنرگىيەلىك توك تارقىتىش تېخنىكىسى،مېكرو كومپىيوتېردا ئۆلچەش ۋەكونترول قىلىش تېخنىكىسى ،زاۋۇت ئېلېكترىك كونترول قىلىش ھەم پروگراممىلىنىدىغان كونترول قىلىش ئەسۋابى ،ترانسفورماتور ئىستانسىسىنى ئۇنۋېرسال ئاپتوماتلاشتۇرۇش ،ئېلېكترىك قۇرۇلۇش خەرىتىسى،يېڭى ئېنىرگىيىنى ئۆزگەرتىش ھەم كونترول قىلىش تېخنىكىسى ،توك تەمىنلەش ۋە تەقسىملەش تېخنىكىسى ،ئېنرگىيە تېجەش ھەم مۇھىتنى ئاسراش تېخنىكىسى ،ئېلېكترىك ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ،كونترول قىلىش سېستىمىسىنى يىغىپ تارقىتىش ھەم كونفىگۇراتسىيلىك كونترول قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق دەرىسلىكلەر سۆزلىنىدۇ .سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دەرىسلىكى ،ئاپتۇماتىك كونترول قىلىش نەزەرىيىسى ھەم سېستىمىسى ،يېڭى ئېنىرگىيە تېخنىكىسى ۋە قوللىنىشى   قاتارلىق  دەرسلەر ئۆتۇلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى:بۇ كەسىپتە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ،يېڭى ئېنىرگىيە قوللىنىشچان تېخنىكىسى ۋە موھىت سېستىمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەسلىھەلەرنى قۇراشتۇرۇش،تەڭشەش ،ئوبروت قىلىش ،ئوبروتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ھەم ئەسلىھەلەرنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ،ئىشلىتىلىشى ۋە ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلسا ياكى بىئوماسا ئېنېرگىيەسى ،قۇياش ئېنېرگىيىسى ،شامال ئېنېرگىيىسى،كۆيدەرگىلى بولىدىغان مۇز ۋە كۈمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىش ھەم پايدىلىنىش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە قوللىنىشچان تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كارخانا ئورۇنلىرىدا ئېشلەشكە  مۇۋاپىق كېلىدۇ.

 

خېمىيە سانائەت قۇرۇلۇشى فاكولتىتى

مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991 ـــ 7736152   7736195

مېنىراللارىنى پىشقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى (كۆمۈر خىمىيە سانائىتى يۆنىلىشى )  (080103)  (تولۇق كورس،ئۇقۇش مۇددىتى 4 يىل)

تەربىيلەش نىشانى :بۇ كەسىپ ،ئەخلاق، ئىدىراك،ۋە ھەرقايسى تەرەپتىن يىتىشكەن،كۆمۈرچىلىك كەسپىنى قىزغىن سۈيىدىغان، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي بىلىملىرىنى ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرۈدىكى مەھسۇلاتلارنى ئوموملاشتۇرۇپ پىشىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىگە ئىگە بولغان ،كۆمۈرلىشىش،كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش كۆمۈر يېغى پىشىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كۆمۈرنىڭ ئونۋېرسال ئىشلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي نەزىرىيسى،ئاساسىي بىلىمى،ئاساسىي مەشغۇلات تېخنىكىسىنى پىشىق ئىگەللىگەن ،كۆمۈر بايلىق مەنبەسىنى ئۇنۋېرسال قوللىنىشنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،قۇرلۇش ئېنژنىېرى،ئىشلەپچىقىرىشنى  باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە يالغۇز خېزمەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئېگە بولغان  خېمىيە سانائىتى ،كۆمۈر مېيى ئايرىش،نېفىت ئايرىش،بايلىق باشقۇرۇش، بايلىق قېزىش،يىنىك سانائەت، تىببىي دورگەرلىك ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھالەردە ،ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش،قۇرلۇش ئېنژىنىرى ،تېخنىكىنى ئىچىش ۋە پەن تېخنىكا تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىدا قوللىنىشچان يۇقىرى دەرىجىلىك تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيلەيدۇ.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسىي دەرىسلىكلەر:خىمىيە سانائىتى بىرىنسىپى ،كۆمۈرلىشش ئىلمى،كۆمۈرلىشش تېخنىلوگىيە ئىلمى،خىمىيە تېخنىلوگىيە ئىلمى،خىمىيە سانائىتى لاھىيىسى، خىمىيە سانائىتى ئىسسىقلىق دىنامىكىسى، خىمىيە سانائىتى رېئاكتلوگىيىسى قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورونلىشىش يۈلىنىشى:ئوقۇغۇچلار بۇ كەسىپتە ئۇقۇش پۈتۈرگەندىن كىيىن ، خىمىيە سانائىتى،كۆمۈرلىشىش،نېفىت ئايرىش، بايلىق باشقۇرۇش، ئېنىرگىيە مەنبەسى،يىنىك سانائەت ، تېببىي دورگەرلىك ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھالەردە ،ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش،قۇرلۇش ئېنژىنىرى ،تېخنىكىنى ئىچىش ۋە پەن تېخنىكا تەتقىقاتى خىزمىتىنى قىلسا بۇلىدۇ.

 خىمىيە سانائىتى ئۈسكۈنلىرىنى رىمىنوت قىلىش تېخنىكىسى(530209) 

تەربىيەلەش نىشانى :بۇ كەسىپ، خىمىيە سانائىتى ئۈسكۈنلىرىنى رىمىنوت قىلىش تېخنىكىسى كەسىنىڭ ئاساسىي تېخنىكىسى ۋە كەسپىي تېخنىكىغا ئىگە بولغان،نەزىرىيىۋىي ئاساسقا ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، خىمىيە سانائىتى ئۈسكۈنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش،مۇلازىمەت قىلىش،باشقۇرۇش ھەم تاشقى سودا قاتارلىق ساھالەردە خىزمەت قىلالايدىغان يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولغان قابىليەت ئىگىلىرىنى  تەربىيلەيدۇ.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسىي دەرىسلىكلەر: خىمىيە سانائىتى ماشىناسازلىق ئاساسى بىلىملىرى، خېمىيە سانائەت پىرىنسىپى، خىمىيە سانائىتى چىرتىيوژى،خېمىيە سانائىتى ئىسسقلىق ئىلمى، ئورگانىك خېمىيە سانائەت تېخنىلوگىيسى، خېمىيە سانائەت ئەسلىھەلىرىدىن ئاساس، خېمىيە سانائەت ئەسۋاپلىرى ۋە ئۇنى رىمىنوت قىلىش ، ئۆتكۈنچى ئەسۋاپلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈلىنىشى:بۇ كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچلار،ئېلىكتىر ئېنىرگىيە ،نىفىت خىمىيەسانائىتى،يېىك سانائەت،مۇھىت ئاسراش،يىمەكلىك ۋە ئەمگەك بىخەتەرلىكى تارماقلىرىدا تېخنىكا باشقۇرۇش،تىجارەت قىلىش،قۇرۇلۇش ئىلمى تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلسا بولىدۇ .

قوللىنىشچان خمىيە سانائىتى تېخنىكىسى:(530201) 

تەربىيلەش نىشانى:بۇ كەسىپ خىمىيە قۇرۇلۇشى ھەم خىمىيە تېخنىلوگىيىسىگە ئالاقدار بىلىملەرگە ئىگە بولغان،خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگەللىگەن ، خىمىيە سانائىتى،نېفىت ئايرىش،بايلىق باشقۇرۇش، يىنىك سانائەت، دورگەرلىك، مۇھىت ئاسرساش قاتارلىق ئىدارە ئورگانلاردا،قۇرلۇش ئېنژىنىرى،تېخنىكىلىق ئىچىش،ئېشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكىلىق تەتقىتات ئېلىپ بېرىش خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىيەلەيدىغاب قابىليەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەيدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر: ئورگانىك خېمىيە، ئانالىز خېمىيە ئىلمى، فىزىكا خېمىيە ئىلىمى، خېمىيە سانائەت پىرىنسىپى، خىمىيە سانائىتى چىرتىيوژى،خېمىيە سانائىتى ئىسسقلىق ئىلمى، ئورگانىك خېمىيە سانائەت تېخنىلوگىيسى، خېمىيە سانائەت ئەسلىھەلىرىدىن ئاساس، خېمىيە سانائەت ئەسۋاپلىرى ۋە ئۇنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، پاكىز ئېنىرگىيە تېخنىكىسى، تەجرىبە ئاساسى مەشغۇلاتلىردىن ماھارەت مەشىقى قاتارلىقلار.

كەسپىي تېخنىكا سالاھىيتىنى باھالاش:كومپىيوتېر قوللىنىش ئىقتىدارى كىنىشكىسى(بىرىنچى دەرىجە)،خىمىيىلىك تەكشۇرگۈچى، خىمىيىلىك باش كونتۇرۇل قىلغۇچى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلڭقلار.

ئىشقا ئورىنلىشىش يۆلىنىشى:بۇ كەسىپ،كەسپىي تېخنىكىنى پىششىق ئىگلگەن ھەمدە ئونۋېرسال بىلىم ئىقتىدارى يوقىرى بولغان ھەر تەرەپلىمە يىتىشكەن ئوقۇغۇچلارنى تەربىيلەيدىغان بولغاچقا ئىشلەپچىقىرىش،سېتىپ چىقىرىش،بەشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئشلىسە بۇلىدۇ

كۆمۈر خېمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى (540510) :

تەربىيىلەش نىشانى: بۇ كەسىپتە تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىلار كۆمۈر خىمىيە سانائىتى  قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالايدۇ. ئەخلاقى ئەقلى جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلدۇ. كۆمۈر خېمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش  تېخنىكىسىنىڭ ئاساسى نەزىريەسى ۋە ئاساسى ماھارەتلىرىنى تولۇق ئىگەللەپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆمۈر پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە پايدىلنىش كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسنى باشقۇرۇش، مۇناسۋەتلىك ئېلېكتىر مىخانىكا ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، باشقۇرۇش، قوللۇنۇش ۋە ئېچىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئەمەلىيەتچىل ئىختىساس ئىگسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: خېمىيە سانائەت چىرتىيوژى ۋەAUTOCAD  ،ئورگانىك خېمىيە، ئانالىز خېمىيە ئىلمى، فىزىكا خېمىيە ئىلىمى، كۆمۈر خېمىيە ئىلمى، كۆمۈر سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، كوكىس كۆيدۈرۈش ئىلمى، كوكىس خېمىيسى،  مەھسۇلات قايتۇرۋېلىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر گاز تېخنىلوگىيسى، خېمىيە سانائىتى ئىسسقلىق ئىلمى، ئورگانىك خېمىيە سانائەت تېخنىلوگىيسى، خېمىيە سانائەت ئەسلىھەلىرىدىن ئاساس، پاكىز ئېنىرگىيە تېخنىكىسى قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسىپتە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇھىت ئاسراش ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئورگانلاردا ياكى كۆمۈر مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشتىكى  ئاساسلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ،كۆمۈر مەھسۇلاتىنى تەڭشەش ،تەھلىل قىلىش ۋە ئوبروت قىلىش ،كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ۋە ئېچىش .ھەرخىل ماتېرىياللار ۋە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش،تەكشۈرۈش،ئۈسكۈنلەرنى ئاسراش ۋە قوغداش ،تەجرىبىخانىنىڭ تېخنىكا ۋە سۈپەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىشقا  مۇۋاپىق كېلىدۇ .

 

 

كومپيۇتېر قۇرۇلۇشى فاكولتىتى

مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991 ــــ 7977195  7977201

كومپيۇتېر ئۇچۇر باشقۇرۇش(590106) :  

تەربىيىلەش نىشانى: بۇ كەسىپ بازار ئېھتىياجىغا ماسلاشقان  ھەم  پۇختا نەزىريەۋى ئاساسقا، ھەم يۇقىرى كەسپى ئىقتىدارغا ئىگە بولغان، كومپيۇتېر كوپ مىدىيەلىك تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش، كومپيۇتىر ئۇچۇر سېستىمىلىرىنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار ھازىرلىغان يۇقۇرى ساپالىق ئىختىساس ئىگسىى  يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر:  C تىلى پۇرھگىرامما لايھىلەش،كۆپ مىدىيەلىك تېخنىكىدىن ئاساس، كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ لايھىلەش، بوغالتىرلىق ئىلمى، مالىيە باشقۇرۇش ئىلمى،ئېلېكتىرولۇق بوغالتىرلىق ، ئېلېكتىرولۇق سودا نەزىرىيىسى، كۆپ مىدىيەلىك لايھىلەش يۇمشاق دېتاللىرى، تور بەت لايھىلەش ۋە ياساش، سىغىرلىق مىدىيا ئاخىرقى باسقۇچلۇق ياساش قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كارخانا ۋە كەسپى ئورۇنلار، تور مىدىيە شىركەتلىرى، ئېلان لايھىلەش ۋە ياساش شىركەتلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كەسپى ئورۇنلىرى ، كۆپ مىدىيەلىك ئەسەر لايھىلەش ۋە تەشۋىقات كۆرسەتمىلىرنى لايھىلەش، كارخانا ئوبرازى تەشۋىقاتى، تور مائارىپى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ، كان، كارخانا ، كەسپى ئورۇنلاردا تور ئۇچۇر سېستىمىلىرنى قاچىلاش، تەڭشەش، ئىجرا قىلىش ۋە ئاسراش خىزمەتلىرى، ھەمدە ئۇچۇر باشقۇرۇش سېستىمىلىرنى ئېچىش، ئىجرا قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.

ماشىناسازلىق  قۇرۇلۇشى  فاكولتىتى

مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991 ــــ 7977193  7977198

ماشىنسازلىق لاھىيىلەش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش (080301) (تولۇق كورس،ئۇقۇش مۇددىتى 4 يىل)

تەربىيىلەش نىشانى: شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا  ماسلاشقان،زامانىۋىي ماشىنا لاھىيلەش ياساش ھەمدە ئاپتوماتىك باشقۇرۇش ئاساسىي نەزىرىيىۋى بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ ،سانائەت ساھەسىدە مەھسۇلات لايھىلەش، ياساش،قوللۇنۇش تەتقىقاتى ،باشقۇرۇش ۋە تىجارەت تەرەپلەردىكى ئۇنۋېرسال بىلىملىرى مول بولغان، ئەمەلىي ئىقتىدارى يۇقۇرى ئقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: ئالى ماتىماتىكا،ماشىناسازلىق ئىلمى،ئېلېكتىر ئىلمى ، ماشىنا چىرتىيوژى،ماتىرىيال ئىلمى،توكچىلىق ۋە ئېلېكترون تېخنىكىسى،ماشىنىسازلىق نەزىرىيىسى، ماشىنىسازلىق لايھىسى، ماشىنىسازلىق تېخنىكىسى،گىدرومېخانىكا ئىلمى،سۇيۇقلۇق ۋە ھاۋا بېسىمىنى ئايلاندۇرۇش،رەقەملىك كونتىرول تېخنىكىسى،ئېلېكترىك كونتۇرول ۋە  PLC، كان توكچىلىقى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ.

 ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى:بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار  ماشىناسازلىق قۇرۇلۇش ساھەسى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەم كۆمۈر كەسپى قاتارلىق ئورۇنلاردا ماشىنا ياساش،يېڭى مەھسۇلات ئېچىش،قوللۇنۇش تەتقىقاتى ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ .

كان-ئېلېكتىر مېخانىكىسى كەسپى (540307) :

تەربىيىلەش نىشانى: بۇ كەسپ كان-ماشىنسازلىق نەزىريەسى ۋە كان ئېلېكتىر ئاساسى نەزىريەسى، كان-ئېلېكتىر ساھەسىدە زامانىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئائىت بىلىملەرنى  مول، كان قۇدۇقى ترانسىپورتى، كۆمۈر قېزىش ماشىنسازلىقى، كان تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئورنىتىش، توك يەتكۈزۈش يولىنى قوغداش، تەكشۈرۈش، ئورنۇتۇش تېخنىكىسغا ئىگە،كوللىكتىپچانلىق روھىغا باي، ئقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەشنى نىشان قىلىدۇ.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: ماشىنسازلىق لايىھىلەش ئاساسى، توك يولى نەزىريەسى، ئېلېكتىرون تېخنىكىسى، گىدرومېخانىكا ئىلمى، گىدرومېخانىكىسى، سۇيۇقلۇق بېسىمىنى ئايلاندۇرۇش،كانغا توك يەتكۈزۈش، كان قۇدۇقى ترانسىپورتى، ئاپتوماتىك كونترول قىلىش قانۇنىيىتى، قېزىش ماشىنلىرى، گېنراتور ۋە ئۇنى ھەركەتلەندۇرۇش، رەقەملىك كونتىرول تېخنىكىسى، كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: كان ۋە ئەمگەك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردا لايىھىلەش، تېخنىكا ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسنى باشقۇرۇش، تىجارەت باشقۇرۇش ھەم پەن-تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىندۇ.

رودا تاللاش تېخنىكىسى (540502):

تەربىيلەش نىشانى:شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا  ماسلاشقان ،رودا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىلوگىيىسى ھەم ئۈسكىنلىرى،رودا يېغىش ئىشلەپچىقىرىش تېخنىلوگىيسى مەشغۇلاتى ھەم رودا يېغىش كارخانىسنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ كەسپىي بىلىمىنى ھازىرلىغان تېخنىكىلىق قابىلىيەت ئىەىلىرىنى تەربىيلەيدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر:ئېلكتېر تېخنىكىسى،ماشىنا چىرتىيوژى ھەم CAD  نېئورگانىك ھەم ئانالىز خىمىيە، ئورگانىك خىمىيە، فىزىكىلىق خىمىيە،رودا يىعىش لاھىيسى،كۆمۈر تاللاش تېخنىكىسى ،زاۋۇت ئېلېكترىك كونتۇرولى ۋە  PLC،،ماگنېتوئېلېكترىك رودا تاللاش،رودا زاۋۇتى لايھىسى، سۇيۇقلۇق بېسىمىنى ئايلاندۇرۇش، ھازىرقى زامان ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈلىنىشى:كۆمۈرنى پىشقلاپ ئىشلەش كارخانىسى، مىتاللورگىيە،مېتاللوئىد ئىشلەپچىقىرىش-ئايرىش تېخنىكىلىق خىزمىتى، قېزىش رودا يىغىش ئۈسكۈنلىرىنى رىمونىت قىلىش يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ھەم تەشكىللەش باشقۇرۇش خىزمىتىنى قىلسا بۇلىدۇ

قۇرۇلۇش ماشىنلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراش (520110)

تەربىيلەش نىشانى: :شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا  ماسلاشقان،قۇرلۇش ماشىنىلىرى كەسپىي ئاساسي بىلىملىرىگە ئىگە بولغان .ئاساسي كەسپ تېخنىكىسغا ئىگە بولغان ،ھازىرقى زامان كۆمۈر خىمىيە ،كانچىلىق ،نېفىت،گىئولوگىيلىك ھەم ئالاقدار دائىرلەردىكى كەسپىي قۇرلۇش ئورۇنلىرىدا  چوڭ تىپتىكى قۇرلۇش ئۈسكىنىلىرىدە مەشغۇلات قىلىش ئۇنى ئاسرساش،سىناش،ئىشلەپچىقىرىنى تەشكىللەش ھەم باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يىڭىلىق يارتىش روھىيغا باي  قابىليەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەيدۇ

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر: قۇرلۇش كۈچ ئىلمى.توكچىلىق،مېتال تېخنىلوگىيىسى، ماشىنا چىرتىيوژى ھەم CAD، زاۋۇت ئېلېكترىك كونتۇرولى ۋە  PLC، سۇيۇقلۇق بېسىمىنى ئايلاندۇرۇش،ئوچۇقچىلىقتا كان ئېچىش نەزىرىيىسى،ئىچىدىن يانىدىغان دۋگاتىل نەزىرىيىسى،موتور ۋە تەگلىك قۇرۇلمىسىنى رېمونت قىلىش تېخنىكىسى،قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈش  ۋە ئىشلىتىش تېخنىكىسى،ھازىرقى زامان قۇرلۇش ماشىنلىرى قاتارلىق دەرسلىكلەر ئۆتۈلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەنلەر كان، كۈمۈر كان ،نېفىتلىك،گىيئولوگىيە قىدىرىپ تەكشۈرۈش،ئوچۇقچىلىكتا كان ئېچىش قاتارلىق ساھالەردە قۇرلۇش ئېلىپ بېرىش،تەكشۈرۈش ئۆلچەش،ئاسراش،تېخىكا ئۆزگەرتىش ۋە ئېچىش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ

ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە قوللۇنۇش ( 550201):

تەربىيلەش نىشانى: شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا  ماسلاشقان، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەسپىي ئاساسىي بىلىملىرىىگە ئىگە بولغان،مۇھىت ۋە قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ ئاساسىي بىلىمگە ئىگە بولغان ،ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە ھەم  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قۇرلۇشى  دائىرسىدىكى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۈسكنىسى ھەم ئۇنى قوللىنالايدىغان تېخنىكىلىق قابىليەت ئىگلىرىنى تەربىيلەيدۇ

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر: ئېلىكتىر ئىستانسى پار قازىنى،ئىسىقلىق ئىنىرگىيىسى تېخنىكىسى نەزىرىيىسى ھەم قوللىنىش، توك ئېلىكتىر ئىستانسى ئىسىقلىق ئۈسكۈنىلىرى، ئىسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى،ئايلانما پار قازان قاتارلىق پەنلەر ئۆتۈلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مەركەزلىك ئىسىقلىق ئېنىرگىيىسى بىلەن تەمىنلەش پونكىتىى ، ئېلىكتىر ئىستانسى،تېرموئېلىكتىر ئىستانسى،نېفىت-خىمىيە سانائىتى كارخانلىرىدا ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ.

 ماشىنسازلىق ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش (580102) :

تەربىيىلەش نىشانى: ھازىرقى زامان ماشىنا ياساش ۋە لاھىيلاش ھەمدە ئاپتوماتىك باشقۇرۇش ئاساسىي نەزىرىيىۋى بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي ئىقتدارىنى ھازىرلاپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماشىنا يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرى، كومپيوتېر ،خەلقئارا سودا ۋە سودا ئالاقە ئىشلىرى تەرەپلەردىكى بىلىملىرىنى ئۇنۋېرسال ئىشلىتىش ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. 

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: ماشىناسازلىق ئىلمى .ئېلېكتىر ئىلمى ، مېتال تېخنىلوگىيىسى، ماشىنا چىرتىيوژى ھەم CAD، ئېلېكترىك كونتۇرولى ۋە  PLC، ماشىنسازلىق لايىھىلەش ئاساسى، توك يولى نەزىريەسى، ئېلېكتىرون تېخنىكىسى، گىدرومېخانىكا ئىلمى، گىدرومېخانىكىسى، سۇيۇقلۇق بېسىمىنى ئايلاندۇرۇش،ماشىنا سىناش تېخنىكىسى قاتارلىق پەنلەر ئۆتۈلىدۇ

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەنلەر تاشقى سودا تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ،چوڭ ئوتتۇرا تىپىكى كارخانىلار ،پېيى بازارغا  سېلىنىغان شىركەتلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ،ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى ئېمپورت –ئېكىسپورت قىلىش ،قۇراشتۇرۇش ،تەڭشەش،توشۇش،سېتىش،يېڭى مەھسۇلات ئېچىش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ .

كومپىيوتېردا قوشۇمچە لاھىيلەش ۋە ئەمەلىي قوللۇنۇش (580110):

تەربىيلەش نىشانى : بۇ كەسپ شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا  ماسلاشقان،زامانىۋىي ماشىنا لاھىيلەش ياساش ، كومپىيوتېردا قۇشۇمچە لاھىيلەش ،ياساپ چىقىش ھەم ئاپتۇماتىكلاشتۇرۇش ئاساسىي نەزىرىيىۋي بىلىملىرىگە ئىگە بولغان ،ماشىناسازلىق،نېفىت-خىمىيە،مېتاللورگىيە،كان ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كومپىيوتېردا قوشۇمچە لاھىيلەش،ياساش،مودېل ئشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئۈستۈن قابىليەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر: ماشىنا لاھىيلەش، ماشىنا ياساش،ئېلىكتر-ئېلىكتىرون تېخنىكىسى، سىفىرلىق ئېلېكترون تېخنىكىسى، مودېل ئشلەش  تېخنىكىسى، ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسى ئېلېكترون تېخنىكىسى،ئېلېكترىك كونتۇرول قىلىش ۋە PLC ، ئۈچ ئۆلچەملىك ئوبراز يارىتىش،ئالاھىدە پىشىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇللىرى،رەقەملىك پىشىقلاش تېخنىكىسى ۋە پروگرامما تۈزەش قاتارلىق پەنلەر ئۆتۈلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشش يۈلىنىشى:بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەنلەر ماشىناسازلىق،نېفىت-خىمىيە،مېتاللورگىيە،

كان ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى، تاشقى سودا تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ،چوڭ ئوتتۇرا تىپىكى كارخانىلار ،پېيى بازارغا  سېلىنىغان شىركەتلىرىدە رەقەملىك ماشىنا ئۈسكىنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ،تەڭشەش،توشۇش،سېتىش،يېڭى مەھسۇلات ئېچىش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ .

ئېلېكتىر ۋە مىخانىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى (580201) :

تەربىيلەش نىشانى: شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا  ماسلاشقان،زامانىۋىي ماشىنا قۇرلۇش ھەم ئېلېكتىرىك ئاپتۇماتىك كونترول قىلىش ئاساسي نەزىريىسىگە ھەم قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ،نېفىت-خىمىيە،مېتاللورگىيە،كان ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كومپىيوتېردا قوشۇمچە لاھىيلەش،ياساش،مودېل ئشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئۈستۈن قابىليەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلدىغان دەرسلەر:ماشنا لاھىيلەش، گىدرومېخانىكا ئىلمى ھەم ماشناسازلىق، ماشنا ۋە ئېلىكتىر ئۈسكىنلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سېستىمىسى، رەقەملىك ستانوك، سۇيۇقلۇق بېسىمىنى ئايلاندۇرۇش،توكچىلىق ۋە ئېلېكترون تېخنىكىسىقاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ .

ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەنلەر تەتقىقات ئورۇنلىرىدا،مېتاللورىگىيە،نېفىت ـ خىميە سانائىتى كارخانلىرى ۋە پوچتا-تېلېگراف ساھەلىرىدە  ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

سانائەت لاھىيەلەش (580109):

تەربىيلەش نىشانى: شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا  ماسلاشقان، سانائەت لاھىيسى پىرىنسىپى ھەم ئالاقدار لاھىيە نەزىرىيىۋي بىلىملىرىگە ئىگە بولغان، ئىستىتىك گۈزەللىك بىلىمىگە ئىگە ھەم كوپىيوتېر يۇمشاق دىتال مەشغۇلاتى قىلالايدىغان،ئېلان-بېزەكچىلىك ئىشلىرىغا ماھىر قابىليەت ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.

ئاساسلىق ئۆتىلىدىغان دەرىسلىكلەر: سىدام سىزما، كومپىيوتېردا قۇشۇمچە لاھىيلەش،لاھيلەش ئۇقۇمى، تەكشىلىك قۇرۇلمىسى،رەسساملىق نەزىرىيىسى،بېزەكچىلىك نەزىرىيىسى،لايھىلەش پىسخولوگىيىسى، ئېلان لاھىيىسى،ئۆي ئىچى بېزەكچىلىكى،ئىنتېگراتىف گرافىكىلىق كىرگۈزۈش ئىلمى،تەكشىلىكتە لاھىيلەش قاتارلىقلار دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ.

ئىشقا ئورىنلىشىش يۈلىنىشى: ئېلان شېركىتى،قۇرلۇش بېزەش شېركىتى، لاھىيلەش، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش،مەھسۇلاتنىڭ تاشقى شەكلىنى لاھىيلەش قارتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قلسا بۇلىدۇ.

مېتاللۇرگىيە  تېخنىكىسى (550102): 

تەربىيلەش نىشانى: شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا  ماسلاشقان،پۇلات-تۈمۈر ياساش ،رەڭلىك مېتال ياساش ئاساسى ۋە كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولغان ،پولات-تۆمۈر تاۋلاش ھەم تۆمۈر قېتىشمىسى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئىگە قابىليەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەيدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر: ماشنا لاھىيلەشتن ئاساس، گىدرومېخانىكا ئىلمى ،مىتال ياساش پىرىنسىپى، مىتال ياساش جەرياننى كونترول قىلىش،تۆمۈر تاۋلاش ئىلمى،رەڭلىك مېتال ئىلمى،مېتال تاۋلاش كارخانالىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە بىخەتەرلىكى قاتارلىق دەرسلىكلەر ئۆتۈلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشش يۈلىنىشى:پولات –تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتلىرىدا ،رەڭلىك مېتال تاۋلاش كارخانلىرىدا، مىتال تاۋلاش ئۆسكىنىلىرىنى ساتىدىغان چوڭ تىپتىكى كارخانلاردا خىزمەت قىلسا بۇلىدۇ

ماتېرىيال قۇرلۇشى تېخنىكىسى (550105):

تەربىيلەش نىشانى: بۇ كەسپ شىنجاڭنىڭ  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىىشىش ئېھتىياجىغا ماسلاشقان ،ماشىنا ياساش، مېتاللورگىيە، پولات –تۆمۈر تاۋلاش ساھەلىرىدە خام ماتىرىيال تەييارلاش، خام ماتىرىيالنى قىزىتىش، پولات ماتىرىيالنى پروكاتلاش،قىزدۇرۇش،ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئۈستۈن قابىليەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر:.ئېلكتىر–ئېلىكترون تېخنىكىسى،قۇرلۇش مېخانىكىسى، ماشىنا چىرتىيوژى ھەم CAD، ماشىنسازلىق لايىھىلەش ئاساسى، ئېلېكتىرون تېخنىكىسى، مىتال خام ماتىرىيالى ۋە قىزىتىش، پروكاتلاش نەزىرىيىسى، پولات پروكاتلاش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، سۇيۇقلۇق ۋە ھاۋا بېسىمىنى ئايلاندۇرۇش،مېتال تاۋلاش كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە بىخەرلىكى، پولات ماتىرىيالنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشش يۈلىنىشى: مېتال ياساش كەسپىنىڭ پولات پىشقلاش زاۋۇتلىرىدا، پولات –تۆمۈر تاۋلاش ، خام ماتىرىيال تەييارلاش، خام ماتىرىيالنى قىزىتىش، پولات ماتىرىيالنى پروكاتلاش،قىزدۇرۇش،ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىش ئشلىرى ياكى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قىلسا بولىدۇ.

 

كان ئېچىش قۇرۇلۇشى فاكولتىتى

مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991 ــــ 7977186  7977187

كان ئېچىش قۇرلۇشى (080101) (تولۇق كورس ،ئوقۇش مۇدىتتى 4  يىل)

تەربىيلەش نىشانى:شىنجاڭنىڭ ئىقسادىي جەمىيئەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان،مۇھىمى،يىڭى تىپتىكى سانائەتلەشكەن قۇرلۇشغا ئېھتىياجلىق بولغان،ئەخلاق-پەزلەتلىك،پاراسەتلىك ،ساغلام،ھەرتەرەپلىمە يىتىشكەن ،كۆمۈر كان ئېچىش ئاساسىي نەزىريىسى ۋە ئوسۇلىنى ئىگەللىگەن ،كان ئېچىش قۇرلۇش ئېنژىنىرى  بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يېڭى تېخنىكا يېڭى بىلىملەرگە ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان  قابىليەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلدىغان دەرسلىكلەر: نەزىرىيە مېخانىكىسى ، كۆمۈر كان گىولوگىيىسى، ماتىرىيال مېخانىكىسى ، گىدرومېخانىكا ئىلمى، تاغ جىنىس قۇرۇلۇشى مېخانىكىسى ،كان ئۆلچەش ئىلمى ،ئېلكتىر –ئېلىكترون تېخنىكىسى،كۆمۈر كان ئىچىش ئاساسىي نەزىريىسى ۋە ئاساسى تېخنىكىسى،كان بېسىمى ۋە تاش قاتلىمىنى كونتۇرل قىلىش، كان قۇدۇقىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك، كان قۇدۇقى قۇرۇلۇشى ،كان ماشىنىلىرى،كان توكچىلىقى قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشش يۈزلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەنلەر كۆمۈر كان ،مېتال ،مېتالوئىد كانلىرىنى لاھىيلەش، ئۆزگەرتىپ ياساش ،باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىسە ياكى مېتاللورگىيە،رەڭلىك مېتال ،خىمىيە سانائىتى ،ئاتوم سانائىتى ، مېتالوئىد ،كۆمۇرلۈك قاتارلىق ئالتە تۇرلۈك كانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ،ۋە ياكى سۇ ئىنشائاتى ،تۆمۈريول،تونېل قۇرۇلۇشلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش-ئېچىش ،ئىلمى تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى قىلسا بۇلىدۇ.

كۆمۈر قېزىش تېخنىكىسى (540301) :

تەربىيىلەش نىشانى:  كان ئېچىش قۇرلۇشى، كان بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئاساسى بىلىملىرىغا ئائىت يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك خادىملار تەربىيلىندۇ.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: قۇرۇلۇش مىخانىكىسى، كومپيۇتېر ئاساسى بىلىملىرى، توكچىلىق ئىلمى ۋە ئېلېكتىرون تېخنىكىسى، كۆمۈر كان گېئولوگىيسى، كۆمۈر كان ئۆلچەش تېخنىكىسى، C تىلى، قېزىش ماشىنىلىرى، قۇدۇقتا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك، قۇدۇق يولى قۇرۇلۇشى، كان بېسىمىنى كونترول قىلىش، ئۇچۇقچىلىقتا كان قېزىش نەزىريەسى، كۆمۈر كاننى قېزىش ئىلمى، كان-كارخانىلارنى باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا ئىقتىسادى ئانالىزى، كۆمۈر كاندىن سىرتقى كانلارنى قېزىش ۋە ئېچىش، كۆمۈر كان CAD قاتالىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: كان كارخانىلار، تەتقىقات ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپى ئورۇنلاردا كان ئېچىش قۇرۇلۇشىنى لايھىلەش، كان بىخەتەرلىك تېخنىكىسى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىندۇ.

قۇرلۇۇش ئۆلچەش تېخنىكىسى(540601) :

تەربىيلەش نىشانى:بۇ كەسپ،بوشلۇق ۋە بوشلۇق ئورنىدىكى سان سىفىرلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان يەر شەكلىنى ئۆلچەپ چىقالايدىغان تېخنىكىلىق ئۆلچەپ سىزىش ،ئېقتىدارىغا ئىگە تالانت ئگىلىرىنى تەربىيلەيدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەكلەر:ئۆلچەش ئىلمى،كومپىيوتېر ئاساسى بىلىملىرى، ئاممىۋى قۇرۇلۇش چىرتىيوژى، ئۆلچەش CAD ،كونتۇرول ئۆلچەش ئىلمى،قۇرۇلۇش ئۆلچەش ئىلمى،GPS  ئۆلچەش پىرىنسىپى ۋە قوللۇنۇش،توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى نەزىرىيىسى،ئۆلچەش خاتالىقىنى تۈگىتىش ئۇسۇلى،رەقەملىك  چىرتىيوژ ئۆلچەش ۋە قوللۇنۇش، جەنۇپ يەر شەكلى CASS5.5 يۇمشاق دېتالى مەشخۇلاتى،يەر باشقۇرۇش ۋە يەرنى ئۆلچەش، قۇرۇلۇش نازارەتچىلىكى نەزىرىيىسى قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆلىنىشى: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن،ھەر دەرىجىلىك ئۆلچەپ سىزىش، شەھەر پىلانلاش ئورۇنلىرى،بىناكارلىق قۇرلۇش شېركەتلىرى ۋە كان-كارخانىلىرىدا ئۆلچەش-سىزىش،قۇرۇلۇش كونتىرول قىلىش قاتارلىق خىزمەتنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

 

 

 

بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى فاكولتىتى

مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991 ــــ 736159  736279

بىخەتەرلىك قۇرلۇشى (كان بىخەتەرلىكى يۆنۈلۈشى) ( 081002) (تولۇق كورس ،ئوقۇش مۇدىتتى 4 يىل)

تەربىيلەش نىشانى:بۇ كەسىپ ئالاھىدە ھەم يېڭلىق يارىتىش روھىغا باي،ئەخلاق-پەزلەتلىك،پارا

سەتلىك ،ساغلام،ھەرتەرەپلىمە يىتىشكەن،بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ،تېخنىكىلىرىنى ھەم قۇرلۇشنىڭ ئاساسىي نەزىريىسىنى ئىگەللىگەن، بىخەتەرلىك ئىلمي تەتقىقاتى ۋە كان قۇدۇقىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ھەم بىخەتەرلىك ئېنژىنىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان قابىلىيەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەيدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلدىغان دەرسلىكلەر:كۆمۈر كان ئېچىش ئىلمى، كان قۇدۇقىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىلمى،كۆمۈر كاندىكى ئاپەتتىن ساقلىنىش نەزىريىسى،كان بىخەتەرلىك قانونى، بىخەتەرلىك گىرافىكىلىق كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى، بىخەتەرلىك سېستىمىسى قۇرۇلۇشى،كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش،ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش  قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشش يۈزلىنىشى:ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ھەرخىك كان قېزىش كارخانلىرى ، تەتقىات ئورۇنلىرى،بىخەتەرلىك ۋاستىچى ئورگانلىرىدا ياكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئورۇنلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش  ،نازارەت قىلىش ۋە ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

كان قۇدۇقىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك540308

تەربىيىلەش نىشانى:بۇ كەسىپ ئەخلاقى، ئەقلى ،جىسمانىي تەرەپلەردە تەڭ يېتىلگەن پارتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك فاڭجېن سىياسەتلىرىنى پىشىق ئىگەللىگەن ،كان قۇدۇقىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك بىلىملىرى  ھەم  بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئەمەلىيەتچىل مەخسۇس خادىملارنى تەربىيىلەپ چىقىدۇ .

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر:ئىسىسىقلىق ئېنېرگىيە ئاساسى ،كان بېسىمى ۋە كونتۇرۇل قىلىش ،كان يوللىرى قۇرۇلۇشى ،كان ئېچىش ئۇسۇلى،كان لاھىيەلەش،كان توكچىلىقى ،مۇھىت قۇرۇلۇش ئىلمى ،كان قۇدۇقىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ھاۋا تەڭشەش،كان قۇدۇقىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش،كۆمۈركان بىخەتەرلىك قانونى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ .

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى:ئاساسلىق كان ئېچىش كارخانىلىرىغا يۈزلىنىپ ،كان قۇدۇقىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ،گاز ۋە كۆمۈر توزاندىلىرىنى ئۆلچەش ۋە نازارەت قىلىش ،ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتى بىلەن ياكى مۇناسىۋەتلىك  لاھىيلەش ئورۇنلىرى ۋە مۇلازىمەت ئورگانلىرىدا تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇنلانسا بولىدۇ .

بىخەتەرلىك تېخنىكىسى  ۋە باشقۇرۇش (600303): 

تەربىيلەش نىشانى :بىخەتەرلىك قۇرلۇش ۋە باشقۇرۇشنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنى ھەم ھازىرقى زامان بىخەتەرلىكنىڭ ئادەتتىكى پىرىنسىپىنى ئۈگۈنۈپ، كەسپىي بىخەتەرلىك ۋە ساغلام بولغان قۇرلۇش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىگەن قابىليەت ئىگىلىرنى تەربىيلەيدۇ .

ئاساسلىق ئۆتۈلدىغان دەرسلىكلەر: بىخەتەرلىك پىرىنسىپى،بىخەتەرلىك باشقۇرۇش،بىخەتەرلىك سېستىمىسى قۇرلۇشى، ئوتتىن مۇداپىيلىنىش ۋە پارتىلاشتىن مۇداپىيلىنىش تېخنىكىسى،پارقازان بىخەتەرلىك  قۇرلۇشى، ئېلېكترىك بىخەتەرلىك  قۇرلۇشى،ماشىناسازلىق ۋە يۈك توشۇش بىخەتەرلىك  قۇرلۇشى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تېخنىكىسى،سانائەتتە ھاۋا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە چاڭ تازىلاش تېخنىكىسى، بىخەتەرلىكنى باھالاش تېخنىكىسى قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشش يۈلىنىشى:ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئوقۇغۇچلار ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكمەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلسىمۇ، بىخەتەرلىك ۋاستىچىسى ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلسىمۇ ،بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بۆلۈملىرىدە بىخەتەرلىككە مەسلىھەت بېرىش باھالاش خىزمىتىنى قىلسىمۇ بۇلىدۇ.

 

باشقۇرۇش فاكولتىتى

مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991 ــــ 7736294  7736197

ماركېتىڭ (620401)

تەربىيلەش نىشانى:بازارنى مۆلچەرلەش ،تىجارەت قىلىش ئېلان لاھىيسىنىڭ ئاساسىي نەزىرىيىسى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ،بازار ئىچىش، بازارنى تەتقىق قىلىش ،تىجارەت باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستگە ئالالايدىغان قابىليەت ئىگىلرىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلدىغان دەرسلىكلەر: ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىلمى،بازار تىجارىتى ئىلمى،ئېستىمال پىسخىكا ئىلمى،بازار تەكشۈرۈش ۋە پەرەز قىلىش،ئىقتىسادى قانۇن،سودا سۆھبىتى،ئېلانچىلىق نەزىرىيىسى، ئېلانچىلىق پىسخىكا ئىلمى قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشش يۈلىنىشى:ئۇقۇغۇچلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىقتىسادقا چېتىشلىق ئۇنۋېرسال ئورۇنلار،چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار،شېرىك ياكى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان كارخانىلاردا بازار ئېچىش تەكشۈرۈشى ،ئانالىز قىلىش،تىجارەت تەدبىرىنى بەلگۈلەش ۋە يولغا قويۇش، تەڭشەش، قاتارلىق خىزمەتلەرنى،ئېلانچىلىق كارخانىلىرىدا لايھىلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

ئەشيا ئوبروتىنى باشقۇرۇش:(620505)

تەربىيلەش نىشانى: ھازىرقى زامان  ئىقسادىي قۇرلۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان ،ئىقسادىشۇناسلىق، ئىقساد باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ ئاساسىي نەزىريىسىنى ھەم ئەشيا ئوبروت باشقۇرۇش  كەسپىي بىلىملىرىگە ئىگە بولغان.ئەمەلي ئىقتىدارغا ئىگە قابىليىەت ئىگىسىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ

ئاساسلىق ئۆتۈلدىغان دەرسلىكلەر: ئەشيا ئوبروتىنى باشقۇرۇشدىن ئاساس، ئەشيا ئوبروت سېستىمىا قۇرۇلۇشى ، ئەشيا ئوبروتى ئۇچۇرىنى  باشقۇرۇش ،بۇغالتىرلىق ،مالىيە باشقۇرۇش، بازار تەكشۈرۈش ۋە پەرەز قىلىش، بازار تىجارىتى ئىلمى،ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشنى باشقۇرۇش، ئەشيا ئوبروتى ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشش يۈلىنىشى:ئۇقۇغۇچلار ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئەشيا ئوبروت كارخانلىرى ،سودا ئىشلىرى كارخانلىرى ۋە ئىمپورت-ئېكسپورت كارخانىلىرىدا خىزمەت قىلالايدۇ.

خەلقئارا سودا ئىشلىرى620304

تەربىيىلەش نىشانى: مول بولغان ئىقتساد ئىلمى نەزىرىيىۋى بىلىملىرى ۋە تاشقى ئىقتسادىي سودا بىلىملىرىگە ئىگە بولغان كومپيوتېر ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنلىرى مەشخۇلاتى قىلالايدىغان ،ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئالاقە تېخنىكىسىغا ئىگە، مۇستەقىل ھالدا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنى بېجىرەلەيدىغان ،بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يېزىقچىلىق ،ئېجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغا ئىگە ھازىرقى زامان خەلقئارا ئىقتسادىي ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇلللىنالايدىغان خادىملارنى تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر:خەلقئارا سودا ئىشلىرى ،خەلقئارا بۇل مۇئامىلە ،خەلقئارا سودا قانونى ،بازار تىجارەت ئىلمى ،جوڭگو تاشقى سودىسى ،خەلقئارا تېخنىكا سودىسى ،كارخانا ئقتسادى ستاتىستىكا ئىلمى ،بۇغالتىرلىق ،مالىيە باشقۇرۇش،تاشقى سودا ئېنگىلىز تىلى ،يېزىقچىلىق ،چەتكە چېتىلىدىغان ئقتسادى قانون ،خەلقئارا تىجارەت ئىلمى ،خەلقئارا تېرانسپورت ۋە سۇغۇرتا ئىلمى قاتارلىقلار .

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى:بۇ كەسىپنى ئوقۇغانلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشقى سودا شېركەتلىرى ،كارخانلارنىڭ ئېمپورت-ئېكسپورت بۆلۈملىرى ،چەتكە چېتىلىدىغان كارخانلارنىڭ ئېمپورت –ئېكسپورت بۆلۈملىرى  ۋە چەتكە چىتىلىدىغان كارخانلار  ،تاموژنىغا ئەنگە ئالدۇرغان كارخانلاردا، ئىقتسادىي سىياسەت تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئشلىسە بولىدۇ.

ساياھەت    باشقۇرۇش (640101)

تەربىيىلەش نىشانى: كەسپى ئىقتىدارى مۇكەممەل،بىلىم قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق،ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك،يەرلىكنىڭ ساياھەت تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان، ساياھەت باشقۇرۇش،تىجارەت،مۇلازىمەت ھەم ساياھەت يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى قىلالايدىغان مەخسۇس خادىملارنى تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: ساياھەت بايلىقى ۋە ئۇنى ئېچىش، ساياھەت پىسخىكا ئىلمى، ساياھەت بازىرى تىجارەت ئىلمى، مېھمانساراي  باشقۇرۇش، ساياھەت كوپىراتىپى تىجارىتى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش،ساياھەت يېتەكچىسى سالاھىيەت دەرسلىكى، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ساياھەت ئېنگلىز تىلى،ئاشخانا ئېنگلىز تىلى،ئورتاق تىل قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ .

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەنلەر ساياھەت كارخانىلىرى ۋە ساياھەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا باشقۇرغۇچى،پىلانلىغۇچى،تىجارەت خادىمى،مۇلازىمەت خادىمى،تەشۋىقات

خادىمى ھەم ساياھەت يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ئىشلىسە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

مېھمانساراي  باشقۇرۇش  (640106)

تەربىيىلەش نىشانى: كەسپى ئىقتىدارى مۇكەممەل،بىلىم قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق،كەسپى ئىقتىدارغا ماھىر،يۇقۇرى ساپالىق ھەر خىل مېھمانساراينىڭ ئالدى زالى،باش مۇلازىمەت ئورنى،ياتاق،ئاشخانا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان خادىملارنى تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: مېھمانساراي  باشقۇرۇش نەزىرىيىسى، مېھمانساراي ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش،مېھمانساراي مالىيەسىنى باشقۇرۇش،ياتاق باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتچىلىك،ئاشخانا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتچىلىك، مېھمانساراي ئۇچۇر تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش، مېھمانساراي  قۇرۇلۇشى ۋە بېزەكچىلىكى،ئالاقە ماھارىتى، مېھمانساراي كەسپى سالاھىيەت دەرسلىكى، ئېنگلىز تىلى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ .

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل مېھمانساراينىڭ ئالدى زالى،باش مۇلازىمەت ئورنى،ياتاق،ئاشخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا باشقۇرۇش، مۇلازىمەتچىلىك ۋە كەسپى تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئېلېكتىرون سودا ئىشلىرى  (620405)

تەربىيىلەش نىشانى: زامانىۋى تىجارەت نەزىرىيىسى ۋە ئېلېكتىرون سودا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈم ۋە كەسپى تېخنىكا ئۆلچىمىنى پىششىق ئىگەللىگەن،ئۇچۇر سېستىمىسى ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرالايدىغان ھەم ئېلېكتىرون سودا سېستىمىسىنى لايھىلەش،ئېچىش،قوللۇنۇش،ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئالى كەسپى تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: ئېلېكتىرون سودا نەزىرىيىسى،تور تىجارىتى ۋە پىلانلاش،ھازىرقى زامان ئەشيا ئوبروتىنى باشقۇرۇش، تور تېخنىكىسى، تور سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئېلېكتىرون سودا تور پونكىتى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، تور بەت لايھىلەش،تور مەشخۇلات سېستىمىسى، C#پروگرامما لايھىيلەش ،ASP.NET پروگرامما لايھىيلەش قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كارخانا ئېلېكتىرون سودا تور بېتى قۇرۇش، قوللۇنۇش،ئاسراش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرى،ئەشيا ئوبروتى،پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ئېلېكتىرون سودا مۇلازىمىتى خىزمىتى،ئالاقە- ئۇچۇر مۇلازىمىتى،سودا، پۇل-مۇئامىلە،ئاكسىيە،سۇغۇرتا ياكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە كەسپى ئورۇنلاردا ئېلېكتىرون سودا پىلانى تۈزۈش ۋە ئەمىلى مەشخۇلات خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

 

چەتئەل تىلى فاكولتىتى 

مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991  ــــ 2067977    7977203

660102قوللىنىشچان ئېنگلىز تىلى

تەربىيىلەش نىشانى: بۇ كەسپ ، يېڭلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ،مۇستەھكەم بولغان ئېنگلىز تىلىنى ئاڭلاش ،سۆزلەش ۋە چۈشۈنۈشكە ماھىر بولغان،  ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، تاشقى سودا خەت-چەكلىرى، ساياھەت ئېنگلىز تىلى قاتارلىق كەسپى ماھارەتنى يېتىلدۈرگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: ئونۋېرسال ئېنگىلىز تىلى ،ئوقۇش ،ئاڭلاش ،ئېغىز تىلى ،گىرامماتىكا ،كۆرۈپ ئاڭلاپ سۆزلەش ،قوللىنىشچان ماقالىلەرنى يېزىش ،ساياھەت ئېنگلىز تىلى ،مېھمانساراي يېمەك –ئېچمەك ئېنگىلىز تىلى ،سودا ئېنگلىز تىلى ،ئېنگلىز تىلى تەربىيلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: بۇ كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر،بالىلار باغچىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئېنگلىز تىلى تەربىيلەش خىزمىتى بىلەن ياكى تاشقى سودا ، خەلقئارا يۈك –تېرانسپورت ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىدە ۋە ياكى مېھمانساراي ،ئېنگىلىزچە ساياھەت يېتەكچىلىكى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ .

 

دۆلەت تىلى ئوقۇتۇش فاكولتىتى

مەسلىھەت سوراش تېلىفونى :0991 ــــ 7977209  7977211

خەنزۇتىلى كەسپى (660101) :

تەربىيىلەش نىشانى: بۇ  مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىتىدىغان كەسىپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا خەنزۇ تىلى فونتىكىسى، گىرامماتىكىسى، ئەدەبىياتى، فىلولوگىيە قاتارلىق دەرسلەرنى سېستىمىلىق ئىگەللەپ. خەنزۇ تىلىنى ئاڭلاش، ئوقۇش، يېزىش، تەرجىمە قىلىش ۋە يېزىقچىلىق قاتارلىق ئەمىلى قوللىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.  بۇ كەسىپنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 3 يىل بولۇپ، ئىجتىمائى پەن  ۋە  تەبىئى پەن  ئوقۇغۇچىلىرى ئارىلاش قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق  دەرسلىكلەر: خەنزۇ تىلى ئوقۇشلۇقى، خەنزۇ تىلى ئاڭلاش، خەنزۇچە ئېغىز تىلى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆز-ئارا تەرجىمە قوللانمىسى، مائارىپشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، تىلشۇناسلىق ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە، خەنزۇ تىلى ئوقۇش ئۇسۇلى، قانۇن ئاساسلىرى، مىللەتلەر نەزىريەسى، ئېنگلىز تىلى قاتارلىقلار.

ئىشقا ئورۇنلىشىش  يۈزلىنىشى: ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مائارىپ،ئىقتىساد-سودا قاتارلىق مەمۇرى-كەسپى ئورۇنلار ياكى ساياھەتچىلىك،يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق كارخانا تىجارەت  ئورۇنلىرىدا ئوقۇتۇش، تەرجىمانلىق، كاتپىلىق ،ساياھەت يېتەكچىسى ،باشقۇرعۇچى ۋە مۇلازىمەت خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.