شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى ئوقۇغۇچى
قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى
مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمىلىلەشتۈرۇپ، ئىنىستىتوتىمىزنىڭ 2012 –يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەمدە بۇ خىزمەتنىڭ «ئاشكارە،ئادىل،ھەققانى» ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالى مائارىپ قانۇنى» ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،بۇ نىزامنامە تۈزۈلدى.
Ⅰ. ئىنىستىتوتنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى:
1.مەكتەپنىڭ تولۇق نامى: شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى
2.مەكتەپ ئادرىسى:
نەنچاڭ يولى مەكتەپ رايونى: ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولى 236-نومۇر پوچتا نومۇرى: 830091 ؛
ئىگىلىك تىكلەش يولى مەكتەپ رايونى: ئۈرۈمچى شەھىرى جىنچاۋ يولى پوچتا نومۇرى: 830023 ؛
3.ئوقۇتۇش قاتلىمى : تولۇق كورس ، مەخسۇس كورس؛
4.ئوقۇتۇش تۈرى : دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ؛
5. مەكتەپنىڭ ۋاكالەت نومۇرى : 10994؛
6. ئىنىستىتوتنىڭ ئاساسى ئەھۋالى:
شىنجاڭ سانائەت-قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى سانائەت پەنلىرى ئاساس قىلىنغان،قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش كەسىپلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن،فىلىلوگىيە، ئىجتىمائى پەن تۈرلىرى ماس ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇلغان، ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ. نۆۋەتتە ئىنىستىتوتىمىزنىڭ ئىككى مەكتەپ رايونىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئاساسى مەكتەپ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى سۇجۇ يولىنىڭ غەربىگە سوزۇلغان ئىگىلىك تىكلەش يولىغا، تارماق مەكتەپ رايونى نەنچاڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى1800 مو.
Ⅱ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمى ۋە تەلەپ
1.بۇ يىل ئىنىستىتوتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تولۇق كورس ئىككىنچى تۈركۈم، مەخسۇس كورس بىرىنچى تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. باشقا ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنى شۇ ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل ئىشخانىسى بەلگىلەيدۇ.
2.« كان ئېچىش قۇرۇلۇشى»، «كۆمۈر قېزىش تېخنىكىسى»،« ئۈستى ئوچۇق كان قېزىش تېخنىكىسى»،« كان قۇدۇقىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك» ،« رودا تاللاش تېخنىكىسى» قاتارلىق كەسپلەرگە پەقەت ئوغۇللار قوبۇل قىلىنىدۇ. باشقا كەسپلەرنىڭ قىز-ئوغۇل نىسبىتى چەكلەنمەيدۇ.
3.ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ « ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى يېتەكچى پىكرى » نىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
Ⅲ. قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى
1. قوبۇل قىلىش تۈزۈلمىسى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشىدە ئېلىپ بېرىلىپ، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ «مەكتەپ مەسئۇل بولۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى نازارەت قىلىش» بەلگىلىمىسى ئجرا قىلىنىدۇ.
2. ئادەتتىكى ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى: ئارخىپى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانى جەھەتلەردىن ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ، «نومۇرى يۇقۇرىلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىش » پىرىنسىپى بويىچە قوبۇل قىلىدۇ، دەرىجە پەرقى بولمايدۇ. ئارخىپى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى كەسپكە تەڭشەشتە، «كەسپ ئارزۇسىنى ئاساس قىلىپ، نومۇرى يۇقۇرىلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىش » پىرىنسىپى بويىچە كەسپ ئارزۇسى، نەتىجە ئۆلچىمى، مۇناسىۋەتلىك پەنلەر نەتىجىسى،بەدەن ساپاسى قاتارلىق ئامىللار ئەتراپلىق ئويلىنىلىپ كەسپكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
3. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نومۇر قوشۇش: بۇ خىزمەت ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نومۇر قوشۇپ ياكى تۆۋەنلىتىپ ئارخىپ چىقىرىش سىياسىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4.يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قايتا تەكشۈرۈش: يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن،ئۇلارغا قارىتا قاتتىق ھالدا قايتا تەكشۈرۈش يولغا قويىلىدۇ، قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى ئالدامچىلىق قىلمىشى سېزىلگەنلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ، ئەسلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا قايتۇرۇلىدۇ.
Ⅳ. ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى
ئوقۇغۇچىلار بەلگۈلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇتۇش پىلانى بەلگىلىگەن مەزمۇنلارنى تۈگىتىپ، ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانى جەھەتلەردىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەلىۋىگە يەتكەنلەر، شىنجاڭ سانائەت-قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى تارقاتقان ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ تولۇق كورس ۋە مەخسۇس كورس دىپلومى ئالالايدۇ. باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پەنلەر تۈرى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ.
Ⅴ. مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، ئوقۇش قەرز پۇلى قاتارلىق ئېتىۋار سىياسەتلەر
1. مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 8000 يۈەن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالايدۇ.
2. %5 ئوقۇغۇچى ھەر يىلى 5000يۈەن دۆلەت «رىغبەتلەندۈرۈش» ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالايدۇ. جاپالىق كەسىپتىكى%20 ئوقۇغۇچى بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
3. %18 ئوقۇغۇچى مەكتەپ تارقاتقان يىلىغا 300 يۈەندىن1500يۈەنگىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇعۇچى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالايدۇ.
4. كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى يىتەي سىنىپىدىكى % 80 ئوقۇغۇچى ھەر يىلى 4000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە بولغان يىتەي گۇرۇھى تارقاتقان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
5. مەكتەپتىكى %25 ئوقۇغۇچى يىلىغا 1000 يۈەندىن 3000يۈەنگىچە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەسسىس قىلعان قىيىنچىلىق ياردەم پۇلى ئالالايدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات ۋە قىيىنچىلىق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان نىسپىتى %40 كە يىتىدۇ. بۇندىن كېيىن دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ قىيىنچىلىق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولۇش نىسپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ بارغۇسى. ئۇندىن باشقا مەكتەپ ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا ئۇقۇشتىن سىرتقى خىزمەت ئورنى تەسسىس قىلعان بولۇپ، ھەر ئايدا 200 يۈەن ئىش ھەققىگە ئېرىشىپ ،ئۇلارنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىعا ياردەم بىرىدۇ. ھەر بىر قارار مەكتەپ پۈتۈرگەنلەر ئىچىدىن ئەلالىرى باھالاپ چىقىلىپ، يۇقۇرى سۈپەتلىك ئىش ئورنىعا ئالدىن تونۇشتۇرىلىدۇ.
Ⅵ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى:
مەكتىپىمىز ئاپتونوم رايونلۇق مال باھا ئىدارىسى بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە بىر تۇتاش تۆۋەندىكى ھەقلەرنى ئالىدۇ:
1. تولۇق كورس كەسپلىرىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 3500 يۈەن؛
2. مەخسۇس كورس كەسپلىرى ئىچىدە، ئېنگلىز تىلى كەسپىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 3500يۈەن،باشقا كەسپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 3300يۈەن؛
3. .مەخسۇس كورس خەنزۇ تىلى كەسپىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل ، يىللىق ئوقۇش ھەققى 2900 يۈەن؛
4. خەنزۇ تىلى كەسپىدىن باشقا كەسىپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى .مەخسۇس كورسنىڭ ئوقۇش ھەققى 2900 يۈەن؛
5. ئالدىن تاپشۇرىدىغان يىللىق ئوقۇش ماتىريال پۇلى 400 يۈەن ؛
6. بىر تۇتاش تاپشۇرىدىغان يىللىق ياتاق پۇلى 600 يۈەن) 8 كىشىلىك ياتاق( ياكى 800 يۈەن ) 6 كىشىلىك ياتاق(؛
Ⅶ. ئالاقە قىلىش ئۇسۇلى:
مەكتىپىمىزنىڭ ئادرىسى:
ئۈرۈمچى شەھىرى جىنچاۋ يولى پوچتا نومۇرى: 830023
ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولى 236-نومۇر پوچتا نومۇرى: 830091
مەسلىھەت سوراش تېلفۇنى: 0991 —7736113 فاكس: 0991—7736217
ئېلخەت ئادرىسى: zjb@xgz.edu.cn تور ئادرىسى: www.xgz.edu.cn